ئامېرىكا كوۋىد-19 نىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قانۇنىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالاقىدار ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) ئۇچۇرلىرىنى ئاممىغا ئاشكارىلاشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

1958211
ئامېرىكا كوۋىد-19 نىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قانۇنىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI) دىرېكتورىنىڭ كوۋىد -19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئامما بىلەن ئورتاقلىشىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىگە بېلەت تاشلىدى؛ قانۇن لايىھەسى بارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى نەتىجىسىدە ماقۇللاندى.

كوۋىد -19 ۋىرۇسى ۋۇخەن ۋىرۇس ئىنستىتۇتىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشنىڭ ئاساسى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن لايىھەسىدە، DNI كوۋىد -19 نىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئامما بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىرىلدى.

لايىھەدە يەنە، ۋۇخەن ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭمۇ ئېلان قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئاقساراي ۋە پالاتانىڭ مۇھىم ئەزالىرىغا سۇنغان مەخپىي ئىستىخبارات دوكلاتىغا ئاساسلىنىپ، كوۋىد -19 نىڭ خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېقىپ چىقىپ كەتكەن بولۇشنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ئىستىخبارات ساھەسىدە بۇ مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما جەزملەشتۈرۈلگەن يېتەرلىك ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئېيتتى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ئۆزلىرىنىڭ كوۋىد -19 نىڭ «خىتايدىكى تەجرىبىخانىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېقىپ كەتكەن بولۇشى كۈچلۈك ئېھتىماللىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر