بۇركىنا فاسو: 120 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدۇق

بۇركىنا فاسودا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 112 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1958239
بۇركىنا فاسو: 120 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى بىر قانچە ھەپىتىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قىسىملىرىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 11 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 112 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ھەرىكەت جەريانىدا يەنە تېررورچىلارنىڭ قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە بىلەن دائېشقا چېتىشلىق تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى 2015 - يىلىدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر