ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا سۈرىيە قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى.

1957143
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا سۈرىيە قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن مات گايتىس سۇنغان ۋە پىرېزىدېنت جو بايدىندىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى.

قانۇن لايىھەسى 103 كە قارشى 321 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى.

ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مات گايتىس  سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن داۋاملىق توقۇنۇشىشىنىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

گايتىس تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پالاتا ئەزاسى مارجورى تايلور گرېن بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە ئەمەس، بەلكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان مېكسىكا شايكىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

گرېن سايلام رايونىدىن ھېچقانداق  بىر ئامېرىكالىقنىڭ ئۆزىگە «بىز چوقۇم سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك» دېمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە نۇرغۇن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چەت ئەللەردە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر