ھىندىستاندا ھەربىيلەرنىڭ مىناميوت ئوقى نىشاندىن ھالقىپ، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ھىندىستاندا ھەربىي مەشىق جەريانىدا ئېتىلغان مىناميوت ئوقى نىشاندىن ھالقىپ، يېزىدىكى  بىر ئۆيگە چۈشۈشى سەۋەبىدىن ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1956744
ھىندىستاندا ھەربىيلەرنىڭ مىناميوت ئوقى نىشاندىن ھالقىپ، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا ھەربىي مەشىق جەريانىدا ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ۋەقە بىھار ئۆلكىسىگە قاراشلىق گايا رايونىنىڭ گۈلۋارېد يېزىسىدا يۈز بەردى.

يېقىن ئەتراپتىكى ھەربىي مەشىق مەيدانىدىن ئېتىلغان مىناميوت ئوقى نىشاندىن ھالقىپ، يېزىدىكى بىر ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا چۈشتى.

ۋەقەدە، ھىندى «ھولى» بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنىڭ زىيارىتىگە كەلگەن بىر ئەر-ئايال ۋە قوشنىسى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى كىشى يارىلاندى.

ھىندىستان ئارمىيەسى بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

مەزكۇر ھەربىي رايونغا يېقىن جايدا ئىلگىرىمۇ باشقا ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى مەشىق مەيدانىغا يېقىن جايدا بىر پۇقرا زەمبىرەك چۈشۈشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

دېكابىردا (2023) يۈز بەرگەن يەنە بىر ۋەقەدىمۇ، مەشىق مەيدانىغا يېقىن جايدىن ئوتۇن توپلاۋاتقان 10 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر