ۋوتسئاپ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش توغرىسىدا ياۋروپاغا ۋەدە بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمە ئۇچۇرلىشىش ۋە خەۋەرلىشىش يۇمتالى ۋوتسئاپ (WhatsApp) نىڭ مۇلازىمەت شەرتنامىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

1955604
ۋوتسئاپ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش توغرىسىدا ياۋروپاغا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزا دۆلەت ئىستېمال ئورگانلىرى بىلەن ۋوتسئاپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن كېيىن، يۇمتالنىڭ ئابونتلارنى تېخىمۇ ياخشى خەۋەرلەندۈرۈشكە ۋە ئابونتلارنىڭ توختامنى يېڭىلاشقا بولغان مايىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋوتسئاپ يۇمتالىنى ئىشلەتكۈچىلەر قوبۇل قىلمىغاندا يېڭىلاشنى رەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، يېڭىلاش رەت قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، شىركەت يەنە ئابونتلارغا مۇلازىمەتكە كىرىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ۋوتسئاپنىڭ ئېلان ياكى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى فەيسبۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېتا (Meta) شىركەتلىرى ياكى ئۈچىنچى تەرەپلەر بىلەن ئورتاقلاشمايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

فەيسبۇك ئىگىدارچىلىقىدىكى ۋوتسئاپ يۇمتالى 2021-يىلى 4-يانۋار نۇرغۇن دۆلەتلەردە يېڭى «ئابونتلارنىڭ مۇلازىمەت شەرتنامىسى ۋە مەخپىيەتلىك سىياسىتى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بارلىق ئابونتلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان توختامنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ 2021-يىلى 8-فېۋرالدىن باشلاپ يۇمتالنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، توختامدىكى نۇرغۇن ماددىلار نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسىدە، ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى فەيسبۇك بىلەن ئورتاقلىشىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر