ئېكۋادور پارلامېنتىدا پىرېزىدېنتنى سوتلاش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا پىرېزىدېنت گىلېرمو لاسسونى سوتلاش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  كومىتېت دوكلاتى پارلامېنتتا قوبۇل قىلىندى.

1955003
ئېكۋادور پارلامېنتىدا پىرېزىدېنتنى سوتلاش تەكلىپى قوبۇل قىلىندى
ekvador cumhurbaskani Guillermo Lasso.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنتقا سۇنۇلغان دوكلاتتا، لاسسونىڭ قەيىن ئىنىسى دانىلو كاررېرا ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستى رۇبېن چېررېسنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە چىرىكلىك قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى،  پىرېزىدېنت لاسسونىڭ بۇ پائالىيەتلەردىن خەۋىرى بار تۇرۇغلۇق سوتقا دوكلات قىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دۆلەت مەجلىسىدە 6 سائەت مۇنازىرە قىلىنغان دوكلات 18  رەت ئاۋازغا قارشى 104 قوللاش ئاۋازى بىلەن  قوبۇل قىلىندى.  3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.

قوبۇل قىلىنغان دوكلاتنىڭ قانۇنىي ئىجرا كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەمما لاسسو سوت قىلىنغان تەقدىردە، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، پارلامېنتنىڭ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم يىغىن چاقىرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى لاسسو ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر، پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر