باڭلادېشتىكى پارتلاشتا 6 كىشى قازا قىلىپ، 25 كىشى يارىلاندى

باڭلادېشتا گاز سىلىندىر قاچىلاش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 6 كىشى قازا قىلدى ۋە 25 كىشى يارىلاندى.

1954996
باڭلادېشتىكى پارتلاشتا 6 كىشى قازا قىلىپ، 25 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشنىڭ سىتاكۇندا رايونىدىكى بىر گاز سىلىندىر قاچىلاش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى.

ساقچى باشلىقى توفاززەل ئەھمەد پارتىلاشنىڭ سىتاكۇندادىكى گاز سىلىندىر قاچىلاش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇن ئىشچىنىڭ زاۋۇت ئىچىدە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

دائىرىلەر ۋەقەدە 6 كىشى قازا قىلىپ، 25 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، زاۋۇت ئىچىدىكى ئىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇندىمۇ، ئوخشاش رايوندىكى كونتېينېر ئسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 50 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر