شويگۇ جەڭ قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.
1954822
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر شويگۇنىڭ «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» رايونىنىڭ جەنۇبىي دونېتىسكى يۆنىلىشىدىكى «شەرق» ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىملارنىڭ قوماندانى پولكوۋنىك رۇستام مۇرادوۋ ۋە باشقا ئوفىتسېرلاردىن ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە قىسىملارنىڭ ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.