«ئالدى ئېلىنمىغان تەقدىردە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ»

دۇنيا سېمىزلىككە تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلمىغان تەقدىردە، 2035 - يىلغا بارغاندا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ سېمىز ياكى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1954431
«ئالدى ئېلىنمىغان تەقدىردە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سېمىزلىككە تاقابىل تۇرۇش بىرلەشمىسى دوكلات ئېلان قىلىپ،   تۆت مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سېمىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى؛ ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېىشىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فېدېراتسىيە باشلىقى پىروفېسسور لۇيىس باۋۇر دوكلاتنىڭ نەتىجىسىگە «روشەن ئاگاھلاندۇرۇش» دەپ باھا بەردى.

دوكلاتتا بالىلار ۋە ياشلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ نىسبەتنىڭ ئوغۇل – قىزلارنىڭ 2020 – يىلىدىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قاتلىنىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدىكى سېمىزلىك نىسبىتى ئېشىپ كەتكەن ئالدىنقى قاتاردىكى 10 دۆلەتنىڭ توققۇزى ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى تۆۋەن كىرىملىك ​​ياكى ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك ​​دۆلەتلەر ئىكەن.

تەتقىقات نەتىجىسى، دۇنيا مىقياسىدا سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ نىسبەتنىڭ يەر شارى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3 گە يېتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر