پېنتاگون رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون باياناتچىسى پاترىك رايدېر (Patrick Ryder) ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا رۇسىيە زېمىنلىرىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىستىخبارات مەلۇمات بەرگەنلىكىنى رەت قىلدى.

1954588
پېنتاگون رۇسىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادىن بىر گۇرۇپپىنىڭ رۇسىيەنىڭ كلىموۋسكى يېزىسىغا قاراشلىق بريانسك رايونىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي سىڭىپ كىرگەنلىكى ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە زېمىنى ئىچىدىكى بەزى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، كرېمىلنىڭ ھۇجۇملارنى ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پېنتاگوننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

پېنتاگون باياناتچىسى پاترىك رايدېر: «مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، ئۇكرائىناغا رۇسىيە زېمىنلىرىدىكى نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلىشى ئۈچۈن ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىنى بەرگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئېيتىلغانلار قۇرۇق گەپ. رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىز يوق، ياكى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمىزمۇ يوق» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىناغا بېرىلگەن قوراللارنىڭ پەقەت ئۇكرائىنا ئىچىدە ئىشلىتىشنى ۋە ئۇكرائىنا زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈنلا بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋەرلىشىش ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا قىلىدىغان ھازىرمۇ قولىدا بار بولغان خىمارس (HIMARS ) ۋە زەمبىرەك سىستېمىلىرى ئۈچۈن لازىملىق ئوق-دورا ھەمدە باشقا قورال-ياراغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەم پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر