ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشى خىتاينى بىئارام قىلدى

خىتاي ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى كرىستوفىر ۋراينىڭ، «كوۋىد -19 ۋىرۇسى ئېھتىياتسىزلىقتىن خىتاينىڭ تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتكەن» دېگەن قاراش ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1953884
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشى خىتاينى بىئارام قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ تەكشۈرۈلىشىنى سىياسىي مونوپۇللۇققا ئايلاندۇرۇشقا خىتاينىڭ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى ماۋ كوۋىد -19 يۇقۇمى باشلانغاندا، ۋىرۇس تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ۋۇخەن شەھىرىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەيئەت تەييارلىغان دوكلاتتا «ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىش ئېھتىمالى ئىنتايىن تۆۋەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىنگەنلىكىنى  تەكىتلىدى.

ماۋ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىلمىي بىر مەسىلىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش، مەسىلىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىلگىرى ياساپ چىققان ھېكايىلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلار چىقارغان يەكۈننىڭ ئىشەنچلىك بولىشى يوق دېيەرلىك» دېدى.

ماۋ ئامېرىكانى ئىلىم-پەن ۋە پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىشقا شۇنداقلا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدىكى مەنبە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ، «ئامېرىكا <تەجرىبىخانىدىن چىقىپ كەتكەن> دېگەن نەزەرىيىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق خىتاينى قارىلاشتا ئۇتۇققا ئېرىشەلمەيدۇ.  بەلكى  ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ». دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر