شولز: تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈ رۇسىيە چېكىنىشى كېرەك
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىپ، تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ بۇ توغرىدا قەدەم تاشلىشى ۋە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز لاتۋىيە باش مىنىستىرى كرىسژانىس كارىنس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇ كۆرۈشۈشتە ناتونىڭ شەرقىي قانىتىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، ھازىرقى ئەھۋالدا ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا قويۇق ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ناتودا بىر-بىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىمىز. بۇ سەۋەبتىن ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى قەھرىمانلارچە ۋە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ئاتلانتىك شېرىكلىرى بىلەن ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ياردەمنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ مۇزاكىرەلەرنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا، «رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى. رۇسىيە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قەدەم تاشلىشى ۋە بىر ئىش قىلىشى كېرەك. مۇھىم بولغىنى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ ناتو زېمىنلىرىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىپ: «بىز ھۇجۇمغا ئۇچرىساق، ناتونىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىر زېمىنىنى قوغدايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتىدە ئورتاق پىكىر ئىگە » دېدى.
ئۇ بۇنىڭ بالىتىق دۆلەتلىرى ۋە پولشاغا مۇھىم سىگنال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
لاتۋىيە باش مىنىستىرى كرىسژانىس كارىنس گېرمانىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «لاتۋىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، گېرمانىيەنىڭ قوللىشى ئۇكرائىنانىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.
ئۇ ئۇكرائىنانى قوللاشنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياكى ناتودا ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللاش ئىرادىسىدە ھېچقانداق بوشاش يوق» دېدى.