پۇتىن شىمالىي كاۋكازىيەدىكى ستاۋروپول زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بريانسك رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن ستاۋروپول زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

1954059
پۇتىن شىمالىي كاۋكازىيەدىكى ستاۋروپول زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بريانسك رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىنكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ستاۋروپول رايونىدىكى زىيارىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى، ھەمدە رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن قەرەللىك ئۇچۇر ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ بىريانسك رايونىدا ئۇكرائىناغا تەۋە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن قوراللىق ھۇجۇملار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇنىڭ «تېررورلۇق» ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىر تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا داۋاملىق جەلپ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ: «پۇتىن كرېمىل سارىيىدا خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن قەرەللىك ھالدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلىۋاتىدۇ. رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB)  نىڭ باشلىقى ئالېكساندىر بورتنىكوۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىكتور زولوتوۋ پۇتىنغا دوكلات بېرىۋاتىدۇ. ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، بريانسك رايونىنىڭ ۋەزىيىتى مۇھىم مەسىلە » دېدى.

ئۇ بريانسك رايونىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم سەۋەبىدىن پۇتىننىڭ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى ستاۋروپول رايونىدا قىلىدىغان زىيارىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پۇتىن ئوقۇتقۇچىلار يىلى مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدۇ، تەربىيەلەش پىروگراممىسىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئەمما بۇلارنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىن شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر