لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

1953958
لاۋروۋ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى مىنىستىر خىتاينىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مەسىلىسىدە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە باشقا خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىككى مىنىستىر ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسل قىلىندى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە تەھدىتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە چارە – تەدبىرلەرنى تېڭىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە قارشى چىقىش تەشەببۇسلىرى بىردەك رەت قىلىندى. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.»

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر