دانىيە پارلامېنتى چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن دىنىي بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى تەستىقلىدى

دانىيە پارلامېنتى چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن «ئۇلۇغ دۇئا كۈنى دىنىي بايرىمى» نىڭ رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى تەستىقلىدى.

1953175
دانىيە پارلامېنتى چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن دىنىي بايرامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: 179 كىشىلىك دانىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى چىقىمنى تېجەش ۋە مۇداپىئە خىامچوتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاسكال بايرىمىدىن كېيىنكى 4 - جۈمە كۈنى تەبرىكلىنىدىغان «تەشەككۈر ئېيتىش دىنىي بايرىمى» نىڭ رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى بولۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قانۇن تەكلىپى ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

بۇ قانۇن تەكلىپى پارلامېنتتا ئۆكتىچىلەر، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماستىن، 68 رەت ئاۋازغا قارشى 95  قوللاش بېلىتى بىلەن ماقۇللاندى.

بۇ بايرامنىڭ بىكار قىلىنىشى ئارقىلىق تېجەپ قالغىلى بولىدىغان چىقىمنىڭ ھەر يىلى تەخمىنەن 426 مىليون دوللار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى «ئەخمەقلارچە»، «ساراڭلارچە» ۋە «پۈتۈنلەي خاتا» دەپ باھالىدى، ئەمما بۇنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش تەكلىپىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.

نۇرغۇنلىغان پارلامېنت ئەزالىرى بايرامنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن كارخانىچىلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر