ئارگېنتىنادا يوقاپ كەتكەن  كىشىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى لەھەڭنىڭ قورسىقىدىن تېپىلدى

ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىدىكى كومدورو رىۋاداۋىيە دېڭىز ساھىلى يېزىسىدا يوقاپ كەتكەن دىياگو باررىيا ئىسىملىك كىشىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى، بېلىقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان لەھەڭنىڭ قورسىقىدىن تېپىلدى.

1952682
ئارگېنتىنادا يوقاپ كەتكەن  كىشىنىڭ جەسەت قالدۇقلىرى لەھەڭنىڭ قورسىقىدىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇلى دانىئېلا مىللاترۇز يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، باررىيانىڭ  كىملىكىنىڭ  ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۇنىڭ بەدىنىگە چەكتۈرگەن خەت ئارقىلىق ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى مەسئۇلى دانىئېلا مىللاترۇز ئارگېنتىنانىڭ چۇبۇت ئۆلكىسىدە بېلىقچىلار تۇتقان لەھەڭنى تازىلاۋاتقاندا، قورسىقىدا ئىنسان جەسىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ،  ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مىللاترۇز باررىيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دېڭىز ساھىلىدا كۆرۈلگەنلىكى ۋە دېڭىزدا سۇ ئۈزگەندىن كېيىن غايىب بولغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئالاقىدار تارماقلار «باررىيا كۈچلۈك دولقۇن تەرىپىدىن دېڭىز چوڭقۇرلىقىغا تارتىپ كېتىلگەن» دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كومودورو رىۋاداۋىيە ساقچى باشلىقى كىرىستىئان ئەنسالدومۇ باياناتىدا، باررىيانىڭ رەسمىي شەكىلدە كىملىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە باررىيانىڭ قالدۇقلىرى قورسىقىدىن تېپىلغان لەھەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1.5 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر