ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقىغا دائىر يەكۈن چىقىرىلدى

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس خىتاينىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا «تېخىمۇ سەمىمىي» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1952654
ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقىغا دائىر يەكۈن چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋاباسىدىكى ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە دائىر تەتقىقات نەتىجىسىنى دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس مەزكۇر باياناتىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا «كوۋىد -19 سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

بۇرنىس دۈشەنبە (27-فېۋرال) ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىلىشىدا سۆز قىلىپ: «خىتاي ئۈچ يىل ئىلگىرى ۋۇخەندە يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە كوۋىد -19 كىرىزىسىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشى كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى مەخپىي ئىستىخبارات دەلىل - پاكىتىدا، ۋىرۇسنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە دائىر يەكۈن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك باياناتچىسى جون كىربى دۈشەنبە كۈنى كەچتە بۇىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئېنىق بىرەر قارار چىقارمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر