كولومبىيەدە ئۈچ مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

كولومبىيەدە پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترو سەھىيە ئىسلاھاتى قانۇنى مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن ئۈچ مىنىستىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

1952439
كولومبىيەدە ئۈچ مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەدە پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترو پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، مائارىپ مىنىستىرى ئالېكساندرو گاۋىرىيا، تەتنتەربىيە مىنىستىرى مارىيا ئىسابېل ئۇرۇدىيا ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى پاترىكىيا ئارىزانىڭ ئورنىغا باشقا كىشىلەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدرۈدى.

ئۇ: «ئىسلاھاتلارنىڭ جەمئىيەتتە مۇنازىرە قىلىنىشىغا ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدە مۇرەسسەگە ئېھتىياجلىقمىز. كونگرە بىلەن خەلق تەستىقلىغاندىن كېيىن، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قەتئىي بولۇش كېرەك. بۇ ئۆزگىرىش ھۆكۈمەتنى، بارلىق كولومبىيەلىكلەر ئۈچۈن كاپالەتكە ئىگە قىلغان پېنسىيە مائاشلىرىنى ۋە پاراۋانلىقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىسلاھاتلاردىن ۋاز كەچتۈرمەيدۇ. كابىنېت ۋە مەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشلا ئەمەس، بەلكى يەنە بارلىق كولومبىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىغان بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا بەل باغلىدۇق» دېدى.

كولومبيەدە 16-فېۋرال مەيدانلاردا نامايىش قىلىشنى باشلىغان مىڭلارچە دۆلەتتە زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان سەھىيە ئىسلاھاتى قانۇنىغا نارازلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پېترو بولسا، كونگرەگە سۇنۇلغان سەھىيە ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر