دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەنگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەندىكى سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن 392 مىليون دوللارلىق ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

1952500
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەمەنگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ۋەكىلى ئەدھەم ئابدۇلمۇئمىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «يەمەننىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق ئىئانە قىلغۇچىلار ۋە باشقا شېرىكلەرنى يەمەنگە دەرھال ۋە كۈچلۈك ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز.»

ئابدۇلمۇئمىن يەمەن سەھىيە سىستېمىسىنىڭ 12 مىليون 900 مىڭ ئادەمنىڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن 39 مىليون دوللارلىق يېڭى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە يەمەننىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىلگەن بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە بۇ مەبلەغنىڭ پەقەت  %3.5 نىڭلا توپلىنالىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئابدۇلمۇئمىن بۇ مەبلەغ يىغىلمىغان تەقدىردە، يەمەننىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇ ۋەجىدىن، ئىئانە قىلغۇچىلارنى يەمەن خەلقىنىڭ ئاساسلىق سەھىيە خىزمەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشقاچاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر