ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانمۇ؟

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقىلىپ-تارقالمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا «ئېنىق جاۋاب» نىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1951928
ۋۇخەن ۋىرۇسى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ۋول سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە خەۋەر قىلىنغان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خۇلاسە چىقىرىلغان دوكلاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدا بۇ توغرىدا ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ بارلىقىنى، بىراق بۇنى جەزملەشتۈرىدىغان يېتەرلىك ئۇچۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا بۇ سوئالنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولساق، بۇنى كونگرە ۋە ئامېرىكا خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىمىز، ئەمما ھازىرغىچە ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن بۇ سوئالغا مۇناسىۋەتلىك <ئېنىق جاۋاب> كەلمىدى» دېدى.

«ۋول سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېقىنقى كۈنلەردە ئاقسارايغا ۋە كونگرە ئەزالىرىغا يەتكۈزگەن مەخپىي ئىستىخبارات دوكلاتىغا ئاساسلىنىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى بىر تەجرىبىخانىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن تارقىلىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ۋىرۇس سەۋەبىدىن پەيدا بولغان يۇقۇملۇق ۋابا 2020-2022-يىللىرىدا دۇنيادا يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر