ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچى قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن چېچىدىن تۇتۇپ يەردە سۆرەلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خەلقئارا دېھقانچىلىق يەرمەنكىسىدە بىر نامايىشچىنىڭ نارزىلىقىغا ئۇچراپ، مالىمانچىلىق يۈز بەردى.

1951985
ماكرونغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچى قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن چېچىدىن تۇتۇپ يەردە سۆرەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېممانۇئېل ماكروننىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئايال نامايىشچىنى چېچىدىن تۇتۇپ يەردە سۆرىدى.

ئېممانۇئېل ماكرون تۈنۈگۈن (26-فېۋرال) خەلقئارا دېھقانچىلىق يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ۋە يەرمەنكىدە: «مەن جاپالىق ئىشلەۋاتقان دېھقانلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم» دېگەن ئىدى.

بۇ جەرياندا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە پېنسىيە ئىسلاھاتى پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان بىر نامايىشچى پرېزىدېنت ماكروننىڭ ئالدىدا سەكرىدى.

ماكروننىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئايال نامايىشچىنى توستى ۋە چېچىدىن تۇتۇپ يەردە سۆرىگەنچە زالدىن چىقاردى.

فىرانسىيەدە ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان نارازىلىق بىلدۈرۈلۈۋاتقان تالاش-تارتىشلىق پېنسىيە قانۇنىغا ئاساسەن، سېنتەبىردىن باشلاپ پېنسىيە يېشى ھەر يىلى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، 2027 - يىلى 63 ياش 3 ئايغا ۋە 2030 - يىلى 64 ياشقا چىقىرىلىدۇ.

فىرانسىيەدە پېنسىيەگە چىقىش ئۈچۈن، 2027 – يىلدىن ئېتىبارەن 43 يىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. فىرانسىيەدە ئەسلىدە پېنسىيە يېشى 62 ياش بولۇپ، غەربىي ياۋروپادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارىغاندا تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ.

پېنسىيە يېشى ئىسپانىيەدە 65، ئەنگلىيەدە 66 ياش بولۇپ، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيەمۇ67 گە چىقىرىشنى پىلانلىماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر