سالۋادوردا ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ چوڭ تۈرمە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى سالۋادورنىڭ پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلېنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياسالغان 40 مىڭ كىشىلىك سېغىمچانلىققا ئىگە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ چوڭ تۈرمىگە  2000  نەپەر جىنايەت گۇرۇھلىرى ئەزاسى يۆتكەلدى.

1951578
سالۋادوردا ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ چوڭ تۈرمە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
el salvador cecot hapishane1.jpg
el salvador cecot hapishane.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بۇكېلې تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، جىنايەت گۇرۇھلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئىپتىخارلىنىشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇكېلې يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغان بۇ چوڭ تۈرمىنىڭ سىنئالغۇسىنى تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەپ: «بۇ يەر جىنايەتچىلەرنىڭ خەلقكە زىيان يەتكۈزمەستىن، ئونلىغان يىل ئارىلاشما ھالەتتە ياشايدىغان يېڭى ئۆيلىرى بولىدۇ» دېدى.

ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى گۇستاۋ ۋىللاتورو بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، <تېررورلۇقتىن مۇھاپىزەت قىلىش مەركىزى (CECOT)> دەپ تەرىپلەنگەن بۇ تۈرمىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ راكنى ھۇجەيرىمۇ - ھۇجەيرە جەمئىيەتتىن تازىلاۋاتىمىز. سىلەرنى تاشلىمايدىغانلىقىمىزنى بىلىڭلار، قورقۇنچاق تېررورچىلار بولغانلىقىڭلارنىڭ بەدەلىنى تۆلەيسىز» دېدى.

سان سالۋادوردىن 74 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى تېكولۇجا يېزىسىدىكى بىر جىلغىغا 166 گېكتار يەرگە قۇرۇلغان ​​مېگا (كاتتا) تۈرمە 2 - فېۋرالدا ئېچىلغان ئىدى.

جىنايەت گۇرۇھلىرىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ياسالغان ۋە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە ئەڭ چوڭ تۈرمە ھېسابلىنىدىغان «تېرورلۇقتىن مۇھاپىزەت قىلىش مەركىزى» پىرېزىدېنت بۇكېلې تەرىپىدىن ئېچىلغان ئىدى.  

سان سالۋادوردىكى مەۋجۇت تۈرمە سىغىمچانلىقىنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ئىكەنلىكى مەلۇم.

سالۋادوردا 27 - مارتتا بىر ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان  بولۇپ، كېيىن بۇ قارار ھەر ئايدا بىر يېڭىلانغان ئىدى.

پىرېزىدېنت بۇكېلې 30 - ئىيۇندا قوراللىق شايكىلارغا قارشى ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر