رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ترانسدىنيېستېرغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ مولدوۋا تەۋەلىكىدىكى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ترانسدىنيېستېر رايونىغا باستۇرۇپ كىرىش ئۈچۈن، چېگراغا ئەسكەر ۋە قورال - ياراغ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1951040
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ترانسدىنيېستېرغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كىيېۋنىڭ ترانسدىنيېستېرغا تاجاۋۇز قىلىش تەييارلىقىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ترانسدىنيېستېر رايونىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغانلىقى» ى دەۋا قىلىنغان باياناتتا، «رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە كىيېۋنىڭ ئۇكرائىنا - ترانسدىنيېستېر چېگراسىغا يېقىن جايدا زور مىقداردار ئەسكەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زەمبىرەكچى قىسىملارنى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرغۇزۇشىنى كۆزەتمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ مەزكۇر «پىلانلىق ئىغۋاگەرچىلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ «ترانسدىنيېستېردا تۇرۇشلۇق رۇسىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى»غا بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكىگە مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېدى.

1991- يىلى مولداۋىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دىنيېستېر دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ترانسدىنيېستېر رايونى رۇسىيەنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغانىدى.

مۇستەقىللىق جاكارلانغاندىن كېيىن، مولدوۋا بىلەن ترانسدىنيېستېر ئوتتۇرىسىدا باشلانغان قوراللىق توقۇنۇش، 1992- يىلى 7-ئاينىڭ 22- كۈنى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سايىسىدا توختىغانىدى.

رۇسىيەنىڭ «تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىم» دېگەن نام ئاستىدا ترانسدىنيېستېرغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر يىلى رايونغا مىليونلارچە دوللار ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

رۇسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان ئەڭ چوڭ قورال- ياراغ ئىسكىلاتى ترانسدىنيېستېرنىڭ كوباسنا يېزىسىغا جايلاشقان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر