تېدروس تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس 6-فېۋرال (2023) يۈز بەرگەن قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1950414
تېدروس تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيېسۇس ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلانقىلىش يىغىنىدا، 20-فېۋرال كۈنى تۈركىيەدە ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتلەرنىڭ رايونغا دەرت-ئەلەم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يېڭى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەرنىڭ 6-فېۋرالدىكى ئاپەتلەرگە قارىغاندا ئۇنچىۋالا شىددەتلىك بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشلەردە بۈگۈنگىچە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 47 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، 125 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. تۈركىيەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 15 دوختۇرخانا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، نۇرغۇنلىغان سەھىيە ئەسلىھەلىرى بۇزۇلدى. سۈرىيەدە 145 سەھىيە ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. يەر تەۋرەشلەردە جەمئىي 26 مىليون كىشى تەسىرگە ئۇچرىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر ئىككى دۆلەتتە سەھىيە جەھەتتىن مۇھىم ياردەملەرنى قىلىش ئۈچۈن 84.5 مىليارد دوللارلىق ياردەم چاقىرىقىنى باشلىدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ سەھىيە نۇقتىسىدىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان سەھىيە ئورۇنلىرىغا 802 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى توغرىلىدى. بۇ ھۇجۇملار 101 سەھىيە خادىمى ۋە بېمارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەندى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇكرائىنادىكى شېرىكلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنادىكى سەھىيە خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ئادەم سانى 8 مىليون 400 مىڭغا يەتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باشتىن-ئاخىر ئۇكرائىناغا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، گېنېراتور، دورا، زەخىملىنىش ۋە جىددىي ئوپېراتسىيە بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىڭ توننا تېببىي مالزىمىلەرنى يەتكۈزۈپ بەردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە، ئۇكرائىنا ۋە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەردىكى 11.4 مىليون كىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 240 مىليون دوللار ياردەم تەلەپ قىلدى» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۈستىدە توختىلىپ: «دۇنيا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشىراق ھالەتتە تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ۋىرۇسقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتالايدىغان ۋە ۋىرۇستىن قوغدىيالايدىغان ۋاكسىنا تەتقىق قىلىشقا مەبلەغ سېلىش ئىنياتىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر