موزامبىكتا «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

موزامبىكتا «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 37 گە يەتتى.

1950725
موزامبىكتا «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موزامبىك سەھىيە مىنىستىرى ئارمىندو تىياگو بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «خولېرا يۇقۇمى» سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 37 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىياگو ھازىرغىچە بەش مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، «خولېرا يۇقۇمى» غا قارشى  كۈرەش دائىرىسىدە بۇ ھەپتە ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئارمىندو تىياگو يەنە، موزامبىك مىقياسىدا 700 مىڭ كىشىگە «خولېرا يۇقۇمى» ۋاكسىناسى ئەملەشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر