شىمالىي كورېيەنىڭ يەر ئاستى ئاتوم سىناق مەركىزى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن

شىمالىي كورېيە يەر ئاستى ئاتوم سىناق  قىلىش مەركىزى پۇڭگىي رى شىمالىي كورېيە خەلقىدىن باشقا يەنە، جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتايدىكى مىليونلىغان كىشىلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

1949932
شىمالىي كورېيەنىڭ يەر ئاستى ئاتوم سىناق مەركىزى خىتاي پۇقرالىرىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى پايتەخت سېئۇلغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، رايوندىكى مىليونلىغان كىشىلەر ئىشلەتكەن سۇ مەنبەسىنىڭ پۇڭگىي رى ئاتوم سىناق  قىلىش مەركىزىدىن تارقىلىدىغان رادىياكتىپلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، سىناق قىلىش مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى مىليونلىغان كىشىنى ئۆز قوينىغا ئالغان سەككىز شەھەر ۋە يېزىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى سەۋەبىدىن كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتايدىكى مىليونلىغان ئاممىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا، تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ يادرو ۋە تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىخبارات مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى ۋە تەتقىقاتچىسى جەنۇبىي كورېيەلىك خۇبېرت ياڭ-خۋان لى تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ دوكلات شىمالىي كورېيە يادرو سىناقلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى قوشنا دۆلەت خەلقلىرىنىڭمۇ ياشاش ھوقۇقى ۋە ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر