ئىران جەمشىد شارمەھدنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

تېھران، جەمشىد شارمەھدنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان ئىران ھاكىميىتىگە قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1949548
ئىران جەمشىد شارمەھدنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيە ئورگانلىرى قارمىقىدىكى مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقى «توندەر» ۋە «ئىران پادىشاھلىقى» دېگەندەك ناملار بىلەن تونۇلغان مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان ئىرانغا قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن شارمەھدنى، تېھران ئىنقىلاب مەھكىمىسى تەرىپىدىن «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش» جىنايىتى سادىر قىلىش  بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات 2008-يىلى 12-ئاپرېل شىراز شەھىرىدە يۈز بېرپ، 14 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 215 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن ئىران مىقياسىدا بىر قىسىم قوراللىق ھەرىكەت ۋە بۇزغۇنچىلىقلارنى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.

ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرلىقى 2003 – يىلىدىن بۇيان ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىران-گېرمانىيە قوش پۇقرالىقىغا ئىگە شارمەھدنى 2020-يىلى 7-ئايدا چەت ئەلدە قولغا چۈشۈرۈپ، ئىرانغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئائىلىسىدىكىلەر شارمەھدنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىرانغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى مەلۇم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر