ئانتونى بلىنكېن بېنيامىن نېتانياھۇغا «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى تەكىتلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، پەلەستىن مەسىلىسىگە ئۈستىدە توختىلىپ، «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى تەكىتلىدى.

1948240
ئانتونى بلىنكېن بېنيامىن نېتانياھۇغا «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پايىس ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بلىنكېننىڭ تېلېفوندا نېتانياھۇ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بۈگۈن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمە تەدبىرلەرگە كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى» دېيىلدى.

بلىنكېن بىلەن نېتانياھۇنىڭ سۆھبىتىدە، ئىران شەكىللەندۈرگەن تەھدىتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخىمۇ كەڭ رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان «كۈچلۈك ۋەدىسى» نى تەكىتلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر