د س ت: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ياردەملەر يېتەرسىز بولماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (د س ت) 6- فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش مەركەزلىك يەر تەۋرەشلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ياردەملەرنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1947918
د س ت: سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ياردەملەر يېتەرسىز بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەرشارى جىددىي ئىشلار دېرىكتورى مايك رىيان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئەندىشە قىلىنىۋاتقان رايوننىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.

سۈرىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنىڭمۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالغان رىيان، ئۇ يەردىكى مۇلازىمەتلەرگە پەقەت شۇ يەردە ياشايدىغان ئاھالىنىڭلا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سۈرىيەدە 10 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇ يەرنىڭ داۋالاش سىستېمىسى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئاجىز» دېدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دائىرىسىدە بىر قىسىم چېگرا ئېغىزلىرىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان رىيان، نۆۋەتتە دىققەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى خىزمەتلەر ئۈچۈن 43 مىليون دوللارلىق قوللاش چاقىرىقىنى 84 مىليون 500 مىڭ دوللارغا چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر