ئامېرىكانىڭ «Times» مەيدانىدىكى دىگىتال ئېلان تاختىلىرىدا تەسىرلىك سىگناللار ئەكس ئەتتۈرۈلدى
6-فېۋرال يۈز بەرگەن ۋە «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئاپەت» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى «Times» مەيدانىدىكى دىگىتال ئېلان تاختىلىرىدا تەسىرلىك سىگناللار ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق «Times» مەيدانىدىكى دىگىتال ئېلان تاختىلىرىدا، تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن تەسىرلىك سىگناللار ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
سىگناللاردا، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي بىرلىكى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.
«Times» مەيدانىدىكى دىگىتال ئېلان تاختىلىرىدا، مۇنۇ سىگناللار ئەكس ئەتتۈرۈلدى: «100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بالايىئاپەت»، «تۈركىيەگە ياردەم بەرگەنكلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز»، «تۈركىيە ھەردائىمقىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە بىر گەۋدىگە ئايلانماقتا»، «ئۈمىدكە مەھكەم ئېسىلىڭلار»، «يېڭى قەھرىمانلار تۇغۇلىدۇ»، «تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ دەرد – ئەلەملىرى قەلبلىرىمىزنى خۇن قىلىۋەتتى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.