پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىدا پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى بىر يولۇچىلار پويىزىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، بىر ئادەم قازا قىلدى، توققۇز ئادەم يارىلاندى.

1947363
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ چىچاۋاتنى رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىئان مەھبۇبنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، كۇۋېيتادىن پېشاۋۇرغا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار پويىزىدا چىچاۋاتنى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاش نەتىجىسىدە، بىر ئايال جېنىدىن ئايرىلغان، توققۇز كىشى يارىلانغان بولۇپ، رايونغا ئەۋەتىلگەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەترەتلىرىنىڭ پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر