يېڭى زېلاندىيەدە «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى
يېڭى زېلاندىيەدە «گابرىئېل» ناملىق بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.
1946344
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيە دائىرىلىرى «مىسلى كۆرۈلمىگەن ھاۋا رايى ھادىسىسى» دەپ ئاتىغان قارا يامغۇر ۋە بوران - چاپقۇن يېڭى زېلاندىيەنىڭ شىمالىي ئارىلىغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.
يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى كىرىس ھىپكىنس بوران – چاپقۇننىڭ ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاپەت سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋەيران بولدى، كۆپ ساندىكى ئۆيلەردە توك ئۈزۈلۈپ قالدى.»
ئاپەتتىن كېيىن، پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى.