ئامېرىكادا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىشىگان ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قورۇسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى.

1946155
ئامېرىكادا بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇنىۋېرسىتېت ساقچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە ئۇنىۋېرسىتېت قورۇسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدا يارىلانغان بەش كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەچچە يۈزلىگەن ساقچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەرقىي لەنسىڭ قورۇسىدا ئافرىقادا تۇغۇلغان ئەر جىنايەت گۇماندارىنى ئاختۇرغان. ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە، گۇماندارنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

تەخمىنەن 50 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بار مىشىگان ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا، دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پائالىيەتلەر48 سائەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر