رۇسىيە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زاخاروۋا مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇنىڭ «رۇسىيە مولدوۋانىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىگە قارىتا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1946467
رۇسىيە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئۇكرائىنانىڭ مولدوۋانى رۇسىيە بىلەن دۈشمەنلەشتۇرۇشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «<رۇسىيە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ> دېگەن ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز» دېدى.

زاخاروۋا پىرېزىدېنت ساندۇنىڭ مەزكۇر  پىلانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇكرائىنانىڭ مولدوۋاغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىيتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇلارنىڭ «ئاساسسىز» ۋە «يالغان» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

زاخاروۋا مۇنداق دېدى:

«بۇلار ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ دائىم ئىشلىتىدىغان كلاسسىك تېخنىكىلىرىدىن تەشكىل تاپقاندۇر. بىرىنچىدىن، دەلىللەنمىگەن ئاتالمىش ​​مەخپىي ئىستىخبارات ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ئەيىبلىشىدۇ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئاقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ پىلان ھەققىدە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئۇكرائىنانىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مولدوۋانى رۇسىيە بىلەن قاتتىق دۈشمەنلەشتۈرۈشتۇر»

مولدوۋا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بايانلار ئارقىلىق پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى بۇرمۇلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان زاخاروۋا: «<رۇسىيە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ> دېگەن ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز. غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنادىن پەرقلىق ھالدا بىز مولدوۋانىڭ ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايمىز. رۇسىيە مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس. باراۋەر ۋە ئۆز-ئارا ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. مولدوۋا ھۆكۈمىتىنى ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىش قىلىشقا، تاشقى ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە باش ئەگمەي، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

مولدوۋا پىرېزىدېنتى ساندۇ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، رۇسىيەنى مولدوۋادا ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەپ، «رۇسىيەنىڭ دۆلىتىمىزگە زوراۋانلىق ئېلىپ كىرىش ئۇرۇنۇشلىرى ئۇتۇققا ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر