ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالتە شىركىتىنى ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدە بايقىلىپ، 4 - فېۋرال ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن «جاسۇس شار» ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئالتە شىركىتىنى ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1945202
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالتە شىركىتىنى ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئالتە شىركەتنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ياكى تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە زىت ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاۋاتقان مەزكۇر شىركەتلەرىنىڭ ئېكسپورت قارا تىزىملىكىگە قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئالاھىدە ئېگىزلىكتىكى بىر ئىستىخبارات شارىنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھاۋا تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مونتانا ئىشتاتىدىكى يادرو ئوق بېشى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىسكىلاتلىرى جايلاشقان بىر قىسىم سەزگۈر ھەربىي ئورۇنلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

خىتاي مەزكۇر شارنىڭ بىر ھاۋارايى تەكشۈرۈش شارى ئىكەنلىكىنى، ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن يۆنىلىش ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئىزاھاتلار ۋاشىنگتوننى قايىل قىلالمىغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ 4 – فېۋرالدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئاتلانتىك ئوكيان تەۋەلىكىدە ئۇچۇۋاتقان خىتاي شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر