سۈرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 2500 دىن ئاشتى

كاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تەسىر قىلغان 7.7 ۋە 7.6 باللىق يەر تەۋرەشلەردە، سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 530 غا، يارىلانغانلار سانى 4 مىڭ 645 كە يەتتى.

1943716
سۈرىيەدە جېنىدىن ئايرىلغانلار 2500 دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيەنىڭ ئىدلىب، ھەلەب، ھاما، لازقىييە ۋە تارتۇس ۋىلايەتلىرىدە، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى سانا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھەلەب، لازقىييە، ھاما ۋە تارتۇس ۋىلايەتلىرىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا 1250 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭ 45 كىشى يارىلانغان.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا نۇرغۇن بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، خەلق قوغدىنىش تەشكىلاتى، يەرلىك مەسئۇللار ۋە سەھىيە تارماقلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىدلىب ۋە فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېىى ھەربىي ھەرىكەتلىرى رايونلىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 1280 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر