رۇسىيە بىرما بىلەن يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا يادرو تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالاندى.

1943835
رۇسىيە بىرما بىلەن يادرو ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيە ئورگىنى-روسئاتوم (Rosatom) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، روسئاتوم بىلەن بىرما پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ ئورتاق لاھىيەسى بولغان بىرمانىڭ ياڭگوندىكى يادرو تېخنىكا ئۇچۇر مەركىزىدە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

كېلىشىم رامكىسىدا، رۇسىيە بولۇپمۇ كىچىك يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىلىرىنى قۇرۇشتا بىرما بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. رەسمىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن، رۇسىيە دۆلەت يادرو ئېنېرگىيە ئورگىنى-روسئاتومنىڭ باش دىرېكتورى ئالېكسېي لىخاچېۋ بىرما تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا يادرو تېخنىكىسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

باياناتتا، ئالېكسېي لىخاچېۋنىڭ قاراشلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يىل (2023) رۇسىيە-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ 75 - يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بىرمادا يېڭى بىر كەسپىي ساھەنىڭ بەرپا قىلىنىشى شۈبھىسىزكى، بىرمانىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە، سانائىتى ۋە ئىقتىسادىغا پايدا يەتكۈزىدۇ. بىرمانىڭ رۇسىيەنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيەلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر