پاپا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا فرانچىسكو 6-فېۋرال (2023) قاھرامانماراشتا يۈز بەرگەن ۋە ئەتراپتىكى 10 ۋىلايەتكە تەسىر قىلغان 7.7، 7.6 بال يەر تەۋرەشلەردىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى چاقىرىق قىلدى.

1943997
پاپا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى ۋە ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا فرانچىسكو ھەر چارشەنبە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان قوبۇلدا، تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ: «ھازىر مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان تۈركىيە بىلەن سۈرىيە خەلقىنى ئويلاۋاتىمەن. ئۇلار ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن دۇئا قىلىۋاتىمەن. بۇ ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە ۋە ئۇ خەلقلەرگە يېقىن ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن» دېدى.

ئۇ ھەممە كىشىنى ئاپەتكە قارشى يەر تەۋرىگەن رايونلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىپ: «ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىراگېدىيەگە قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى» دېدى.

پاپا فرانچىسكو ناچار ھاۋا رايى ۋە يوللارنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ھايات قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇلارغىمۇ دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر