ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە بىر «جاسۇس شارى»نىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون، ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى ھاۋا تەۋەلكىدىن خىتاينىڭ يەنە بىر جاسۇس شارىنىڭ ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقانلىقىنى بىلدۈردى.

1941866
ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە بىر «جاسۇس شارى»نىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون باياناتچىسى، بىرىگادا كوماندىرى پاترىك رايدېر بايانات بېرىپ: «بىز لاتىن ئامېرىكاسى ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان شارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆردۇق. بىز بۇنى خىتاينىڭ يەنە بىر كۆزىتىش شارى دەپ قاراۋاتىمىز. نۆۋەتتە قولىمىزدا بۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر يوق» دېدى.

پېنتاگون بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا خىتاينىڭ ئالاھىدە ئېگىزلىكتىن كۆزىتىش شارىنى بايقىغانلىقىنى، شارنىڭ ئامېرىكا چېگرالىرى ئىچىدە 60 مىڭ ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتقانلىقىنى، شارنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى ياكى قۇرۇقلۇققا ماددىي خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۆزىتىش شارى بايقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن كېلەر ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بېيجىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈردى ۋە بۇ قارارغا ئىزاھات بېرىپ: «ئالدى بىلەن، ھاۋا بوشلۇقىمىزدا — ئامېرىكا ئاسمىنىدا كۆزىتىش شارى ئۇچۇرۇش بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنىڭ ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشى بولۇپ، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى خىتايغا بىلدۈردۇق» دېدى.

شار كىرىزىسىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن: «مېنىڭچە، ھاۋا بوشلۇقى بۇ شەكىلدە دەخلىگە ئۇچرىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت مۇشۇ شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش خىتايدا يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، بىلدۈرۈلىدىغان ئىنكاسنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر بلىنكېن : «بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەت بولۇپ، خىتاينىڭ دەل مېنىڭ زىيارىتىمدىن ئىلگىرىلا بۇ قەدەمنى تاشلاشقا قارار قىلىشى، بىز ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقان كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەرگە زىيان يەتكۈزدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر