ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە سالۋادوردا

ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى سالۋادوردا ئېچىلدى.

1941194
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە سالۋادوردا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سالۋادور پىرېزىدېنتى نايب بۇكېلې تېكولۇكا كەنتىدىكى بىر ۋادىدا، 166 گېكتارلىق ساھەدە 40 مىڭ كىشى سىغىدىغان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىنى ئاچتى.

بۇكېلې ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سالۋادوردا قارا گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ۋە «ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە» دەپ ئاتالغان «تېررورىزمدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزى» توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «<تېررورىزمدىن مۇداپىئەلىنىش مەركىزى> نى ئاچتۇق. بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى يەتتە ئاي ئىچىدە پۈتتى. بۇ مەركەزنىڭ قەارا گۇرۇھلارغا قارشى ئۇرۇشتا تولۇق غەلىبە قىلىشقىمۇ زور پايدىسى بار.»

سالۋادور ئەدلىيە ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئوسىرىس لۇنا بولسا، بۇ مەركەزنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنولوگىيەلىك ئەسلىھەلەر بىلەن ياسالغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە بۇ مەركەزنى 600 ئەسكەر، 250 ساقچى ۋە قاراۋۇلنىڭ كېچە-كۈندۈز قوغدايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر