بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەت دۆلەتتىكى جىددىي ھالەتنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتتى

بىرمادا جىددىي ھالەتنىڭ  يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىلىشىغا، ئامېرىكا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1941054
بىرمادا ھەربىي ھاكىمىيەت دۆلەتتىكى جىددىي ھالەتنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:بىرمادا 2021 - يىلى 1 – فېۋرالدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلدارلار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە باشقۇرغۇچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنى يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىش قارا قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس بۇھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «ئامېرىكا بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش قارارىغا، جۈملىدىن قانۇنسىز ھەربىي ھاكىمىيىتىگە ۋە دۆلەتكە ئېلىپ كەلگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىش قارارىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

نېد پىرايس 1-فېۋرالدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ 3 - يىلىدىمۇ ئامېرىكانىڭ بىرما خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرما ئارمىيەسى 2020 - يىلدىكى چوڭ سايلامدا ھىيلە بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە سىياسىي جىددىيچىلىك باشلىنىشى بىلەن تەڭ 2021- يىلى 1-فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچىينى  قولغا ئېلىپ، بىر يىلللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بارما ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشچىلار ۋە قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىلەن قوراللىق توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 1900 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.  

سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان تەخمىنەن 13 مىڭ كىشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

بىرما ھەربىي سوتلىرى ئىككى ئۆسمۈرنى قوشقاندا، جەمئىي 114 سىياسىي مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر