مالايشىيا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى: ئەردوغان پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى

مالايشىيا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى داتو جوھارى بىن ئابدۇل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1939955
مالايشىيا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى: ئەردوغان پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئالجىرىيەدە چاقىرىلغان 17–نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار بىرلىكى كونفېرانسى دائىرىسىدە، مالايشىيا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى داتو جوھارى بىن ئابدۇل بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشتا، شەنتوپ تۈركىيە – مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە – مالايشىيا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە سودا ئومۇمىي سوممىسىنى تەڭپۇڭ ھالەتتە ئاشۇرۇشنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كۈنى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسىدا بولغانلىقىنى، بۇ تەشكىلات ئۇنسۇرلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، ھەمدە مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىق قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى يوشۇرالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مالايشىيانىڭ تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرىشىدىكى ھەمكارلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە مالايشىيادا ھازىرمۇ پائال پائالىيەت قىلىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مەكتەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

مالايشىيا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى داتو جوھارى بىن ئابدۇل بولسا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتكەنلىكلىرىنى ۋە تۈركىيەنى قوللاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىز ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان دۆلەت ئەربابىدۇر، شۇنداقلا، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر