خىتاي ياپونىيە پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ خىتايلارغا يولغا قويغان ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) تەدبىرلىرىگە جاۋابەن توختىتىپ قويۇلغان ۋىزا ئىشلىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1939262
خىتاي ياپونىيە پۇقرالىرىغا قارىتا يولغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ توكيو ئەلچىخانىسى ۋىزا ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ۋە تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەمما، بۇنداق پوزىتسىيە ئۆزگىرىشىگە نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

مەزكۇر قارار، ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 27-يانۋاردا (2023) ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەكلىمە قويۇلغان ۋىزا خىزمەتلىرىنىڭ نورماللىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن ئۇقتۇرۇلدى.

ياپونىيە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ 8-يانۋاردىن (2023) تارتىپ چېگرالىرىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتاي يولۇچىلارغا چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ياپونىيە خىتاي يولۇچىلارغا ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بولۇشىنى شەرت قىلغان ۋە بەزى شەھەرلەرگە ئاىروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتقان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر