پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىنا كۈتۈۋاتقان خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنانى 31 دانە « M1-ئابرامس» (Abrams) تانكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1938015
پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىنا كۈتۈۋاتقان خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلدى
zelenski.y-biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: « ئابرامس تانكىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىق تاكىلار. بۇلار ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىنى قوغداش ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

ئۇ تانكىلارنى ئاسىراش ۋە ئىشلىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەربىيەلەشنى باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تانكىلارنى تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ، ئۇكرائىنالىقلار ئابرامس تانكىلىرىنى مۇداپىئە ئىشلىرىغا ماسلاشتۇرۇشقا تەييار بولغاندا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېد پرايس ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان تانكىلار ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇكرائىنانىڭ پەقەت زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىش» شەرتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مەزكۇر قارارنى چىقىرىشى بىلەن تەڭ، گېرمانىيەمۇ ئۇكرائىناغا «2-يىلپىز» ناملىق تانكا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ تانكا بېرىش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۈگۈن ئۇكرائىنا ئۈچۈن كىشىنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرىدىغان خۇش خەۋەرلەر كۈنى. ئەمدى تانكا بىرلەشمىسى بار» دېدى.

ئۇ ۋىدېئوسىدا: «ئۇرۇشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تانكىلاردىن باشقا، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك سىستېمىلىرى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارغا ئېھتىياجلىقمىز. ئالدىنقى سەپلەردىكى قەھرىمانلىرىمىز دۇنيادىن قانچىلىك كۆپ مۇداپىئە قوراللىرى ئالسا، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاقلىقى شۇنچىلىك تېز ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر