فىرانسىيە بۇركىنا فاسودىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغان بولدى

فىرانسىيە بۇركىنا فاسودىكى ئەسكەرلىرىنى بىر ئاي ئىچىدە چېكىندۈرىدىغانلىقى ئېلان قىلدى.

1938120
فىرانسىيە بۇركىنا فاسودىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇركىنا فاسودا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش تەلىپى ئالدىنقى كۈنى فىرانسىيەگە يەتكۈزۈلگەن.

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى 2018 - يىلى فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئورنى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى فىرانسىيەگە رەسمىي يوسۇندا ئۇقتۇرغان.

فىرانسىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرى: «توختامنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن، توختامنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا دائىر يازما ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇلغاندىن بىر ئاي كېيىن، رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە  بۇ تەلەپنى ئورۇنلاش ئارقىلىق بىز كېلىشىمنىڭ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.

بۇركىنا فاسودا فىرانسىيەنىڭ سابرې ھەرىكىتى دائىرىسىدە 400 ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ژان ئېممانۇئېل ئوۋېدراگو فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇركىنا فاسودا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر