رىۋاندا ئارمىيەسى كونگوغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
رىۋاندا ئارمىيەسى ھاۋا تەۋەلىكىگە 3 قېتىم خىلاپلىق قىلغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.
1937550
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋاندا دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17.03 دە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە «Sukhoi-25» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان رىۋاندا ھاۋا تەۋەلىكىگە 3 قېتىم خىلاپلىق قىلغان.
رىۋاند قسىملىرىنىڭ ئاتقان ئوقى ئايروپىلانىنىڭ گەۋدىسىگە تەگكەن ۋە ئايروپىلان گوما شەھىرىگە قونۇشقا مەجبۇر بولغان. ئايروپىلانغا ئوت كەتكەن ۋە پاژارنى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېلىنغان.
رىۋاندا 19 – يانۋاردا (2023) چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەرنى توپلاپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بولسا، رىۋاندانى دۆلەتنىڭ شەرقىگە ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقان «23 – مارت ھەرىكىتى» نى قوللاپ قۇۋۋەتلەش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.