پىيوڭياڭدا ۋاقىتلىق كارانتىنا ئېلان قىلىندى

شىمالىي كورېيە پايتەختى پىيوڭياڭدا سەۋەبى ئېنىقلىنالمىغان نەپەس يولى كېسەللىكى تۈپەيلى بەش كۈن بويىچە كوچىغا چىقىش چەكلەندى.

1937530
پىيوڭياڭدا ۋاقىتلىق كارانتىنا ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي كورېيە پايتەختى سېئۇلدىكى NK News خەۋەرلەر تورى، كارانتىن ئۇقتۇرۇشىدا كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تىلغا  ئېلىنمىغانلىقىنى، رايون ئاھالىسىنىڭ دۈشەنبە (30-يانۋار) كۈنىگىچە ئۆيلىرىدىن چىقماي، قەرەللىك ھالدا قىزىمتىلىرىنى ئۆلچەپ تۇرۇشلىرىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، پىيوڭياڭ ئاھالىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆيلىرىگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىۋالغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە 2022 – يىلى تۇنجى قېتىم كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاۋغۇست ئېيىغا كەلگەندە ۋىرۇسنى يەڭگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

يۇقۇم تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل بولغان شىمالىي كورېيە، ھازىرغىچە قانچە كىشىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر