كونگودىكى توقۇنۇشلاردا يېقىنقى 6 ھەپتە ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يېقىنقى ئالتە ھەپتە ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1937508
كونگودىكى توقۇنۇشلاردا يېقىنقى 6 ھەپتە ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى (UNHCR) باياناتچىسى ئېۋجىن بيۇن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يېقىنقى ئالتە ھەپتە ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قوراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى بىيۇن، ھۇجۇملارنىڭ ئىتۇرى ۋە شىمالىي كىۋۇ رايونىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھۇجۇمدا 2 مىڭغا يېقىن ئۆينىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، 80 مەكتەپنىڭ تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ يەنە، توقۇنۇش سەۋەبىدىن بۇلتۇرغا (2022) قەدەر جەمئىي 500 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ رايوندىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر