لوس ئانژېلىستا خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش جەريانىدا 10 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە ھەپتە ئاخىرى مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان قەمەرىيە كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنى (خىتاي چاغىنى) تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، 10 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

1936483
لوس ئانژېلىستا خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش جەريانىدا 10 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ لوس ئانژېلىس شەھىرىدە خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، 10 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

لوس ئانژېلىس ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى روبېرت لۇنا (Robert Luna) خۇجەن چەن (HuuCanTran) ئىسىملىك جىنايەتچىنىڭ، ساقچىلار قورشىۋالغان ئەسنادا ئۆزىنىڭ قورالىدىن يارىلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ 72 ياشلىق خۇجەن چەننىڭ ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەنلىكى ۋە لوس ئانژېلىسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان توررانس (Torrance) شەھىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

 لوس ئانژېلىسنىڭ تەخمىنەن 10 كىلومېتىر شەرقىگە جايلاشقان مونتېرېي باغچىسىدا (Monterey Park) 21-يانۋار (2023) شۇ يەر ۋاقتى 22.20 ئۆتكەندە باشلانغان خىتاي چاغىنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 10 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. شۇ كۈنى كېچىسى مونتېرېي باغچىسىنىڭ شىمالىدىكى ئالخامبرا (Alhambra) رايونىدىكى بىر ئۇسسۇل ستۇدىيوسىدىمۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلماقچى بولغان بىر كىشىنىڭ، باشقىلارنىڭ توسۇپ قېلىشى نەتىجىسىدە مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قېچىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر