خىتايدا بىر ئاي ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72 مىڭ 596 گە يەتتى

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى مۇتەخەسسىلىرى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇملانغانلىقىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.

1936349
خىتايدا بىر ئاي ئىچىدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72 مىڭ 596 گە يەتتى
cin hastane.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئەنئەنىۋى قەمەرىيە كالېندارىغا ئاساسەن يېڭى يىل بايرىمىنى (چاغان) تەبرىكلەش ھەپتىسىدىلا كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن 12 مىڭ 658 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، 13-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە (2023) 12 مىڭ 658 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

خىتايدا كوۋىد -19 تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 2022 - يىلى 8 - دېكابىردىن 2023 - يىلى 12 – يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا 59 مىڭ 938 كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇم دولقۇنىدا بىر ئاي ئىچىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 72 مىڭ 596 گە يەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن بولدى.

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەربۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋۇ زۇنيوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋېيبودا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تەدبىرلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتىمىز» دېدى.

خىتاي ئەنئەنىسىدە قەمەرىيە يېڭى يىلىنى ئائىلىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «باھار بايرىمى» مەزگىلىدە، مىليونلىغان كىشى يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە سەپەر قىلىدۇ. خىتاينىڭ باھار بايرىمى سەپىرى «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاممىۋى كۆچۈش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل (2023) 7- يانۋاردىن 15- فېۋرالغىچە بولغان 40 كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەر سانىنىڭ 2 مىليارد 100 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

بۇ جەرياندا، خىتايدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتنىڭ تېخىمۇ ئېشىش ئېھتىماللىقى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر